ۋاڭ لىجۈننىڭ كېلەر ھەپتە چۇڭچىڭدا سوتلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، قوشۇمچە شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لىجۈننىڭ كېلەر ھەپتە چۇڭچىڭدا سوتلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.08.10
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خوڭكوڭدا چىقىدىغان «جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ چوڭچىدىكى ۋەقەدىن خەۋەردار بىر ئەمەلدارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاڭ لىجۈن ۋەتەنگە خائىنلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىدىكەن. خىتاي قانۇنى بويىچە بولغاندا مەزكۇر جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن كىشىگە ئېغىر بولسا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.

بىراق ۋەقەدىن خەۋەردار يۇقىرىقى زات، ۋاڭ لىجۈننىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ياخشى ماسلاشقانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. ۋاڭ لىجۈن بۇ يىل 2‏-ئايدا ئامېرىكىنىڭ چېڭدۇدىكى كونسۇلخانىسىغا قېچىپ كىرىۋېلىپ، چۇڭچىڭ پارتكوم سېكرېتارى بو شلەي ۋە ئۇنىڭ ئايالى گۇ كەيلەينىڭ قىلمىشنى پاش قىلغان.

گۇ كەيلەينىڭ ئەنگلىيىلىك سودىگەر نېئىل خەيۋۇدنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلاپ، زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. ئۇ، ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدا بىر كۈندەك قالغاندىن كېيىن، كونسۇلخانىدىن چىقىپ بېيجىڭ مەركىزى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە ئۆزىنى مەلۇم قىلغان جۈمە كۈنى، ئەنخۇي خېفېي شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى سوت ئېچىپ، بۇرۇن ۋاڭ لىجۈننىڭ قول ئاستىدا خىزمەت قىلغان 4 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك چۇڭچىڭ ساقچى ئەمەلدارىنى سوتلىغان. ئۇلارنى گۇ كەيلەينىڭ قاتىللىق قىلمىشىنى يوشۇرغان، دەپ ئەيىبلىگەن. مەزكۇر مەھكىمە بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن گۇ كەيلەينى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلەپ سوتلىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت