خىتاي دائىرىلىرى ۋاڭ لىجۈننى سوتقا تارتىشى مۇمكىن

خىتاي دائىرىلىرى چۇڭچىڭنىڭ سابىق ساقچى باشلىقى ۋاڭ لىجۈننى ئەنگلىيىلىك سودىگەر نېيل ھەيۋۇدنىڭ قەستكە ئۇچرىشىنى يوشۇرۇش جىنايىتى بىلەن سوتقا تارتىشى مۇمكىن ئىكەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.08.11


ۋاڭ لىجۈن «خىتاي كومپارتىيىسى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ سەتچىلىكلەرنىڭ بىرى» دەپ قارالغان بو شىلەي ۋەقەسىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەبچى بولغان شەخسلەرنىڭ بىرى ئىدى.

خىتاي سوت دائىرىلىرى ئېلان قىلغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، گۇ كەيلەي نېيل ھەيۋۇدنى قەستلەپ ئۆ لتۇرۇش پىلانىنى ئەينى ۋاقىتتىكى چۇڭچىڭ ساقچى باشلىقى ۋاڭ لىجۈن بىلەن كۆپ قېتىم مەسلىھەتلەشكەن ئىكەن.

بو شىلەينىڭ ئايالى گۇ كەيلەي ئۈستىدىن پەيشەنبە كۈنى سوت ئېچىلغان ۋە سوتتىن كېيىن ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە گۇ كەيلەينىڭ ئەنگلىيە پۇقراسى نېيل ھەيۋۇدنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىقرار قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ۋاڭ لىجۈن چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ ساقچى باشلىقى ۋە مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئىدى. ئۇ بۇ يىل 6 - فېۋرال چۇڭچىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا كىرىۋالغان ۋە نېيل ھەيۋۇدنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچراش جەريانىدىكى گۇمانلىق تەپسىلاتلارنى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا تاپشۇرغان.

شۇندىن كېيىن خىتايدا بو شىلەي ۋەقەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار سىياسىي سەتچىلىك ۋە چېرىكلىك دېلولىرى پاش بولۇشقا باشلىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.