ۋاڭ لېچۇەن 'خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى قوغداپ مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش'نى تەكىتلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ باش سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇەن ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرىنى يوقلىغاندا سۆز قىلىپ ئۇلارنىڭ "يېڭى ۋەزىيەتكە يۈزلىنىپ، خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى قوغدىشى، خەلقنىڭ ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشى"نى تەلەپ قىلغان. ئۇ سۆزىدە يەنە زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشنىڭ مۇقىملىقنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئەمما كۈزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، گەرچە خىتاي كېيىنكى يىللاردا ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا شەخسىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنماقتا. خەلقنىڭ مەنپەئەتى تۈپ مەنپەئەت ئەمەس، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلماقتا. ئەزردارلار ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ قوپال مۇئامىلىىسىگە ۋە ھەتتا ساقچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرىماقتا.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەرزىيەت خىزمەتلىرىنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ناچار بولۇپ، ئۇيغۇر ئەرزدارلار خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن "مۇقىملىقنى بۇزغۇچىلار" دەپ ئەيىبلىنىپ، ئۇلارنىڭ يۇقىرىغا ئەرز قىلىپ بېرىشىنى توساشتا قاتتىق ۋاستىلەر ئىشلىتىلمەكتە. بولۇپمۇ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ يۇقىرىغا ئەرز سۇنۇشى قاتتىق قامال قىلىنىۋاتقان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇنداق بىر شارائىتتا ۋاڭ لېچۇەننىڭ "خەلقنىڭ ئىچىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىش ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى" تەكىتلىشى ساختىپەزلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.