ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلار «5‏-فېۋرال ۋەقەسى» نىڭ خاتىرىلەپ خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزدى

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار جۈمە كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىدە 1997-يىلى غۇلجىدا يۈز بەرگەن «5‏-فېۋرال ۋەقەسى» نىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەپ، خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزدى.

نامايىش شۇ يەر ۋاقتى بىلەن چۈشتىن كېيىن 2:00 دە باشلىنىپ، 5:00 كېچە داۋام قىلغان. ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان بويىدىكى ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى، ۋىرگىنىيە ۋە مارىلاند قاتارلىق شتاتلىرىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلاردىن 70-80 ئادەم قاتناشقان.

ئۇيغۇر ياشلىرى بۇنىڭدىن 15 يىل ئاۋۋال غۇلجىدا نامايىش قىلىپ، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ مەشرەپنى مەنئى قىلىش، خەلق ئۇيۇشتۇرغان پۇتبول مۇسابىقىسىنى چەكلەش، دىنىي زاتلارنى تۇتقۇن قىلىش قاتارلىق قىلمىشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئامانلىق كۈچلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ، نامايىشچىلارنى باستۇرغان ئىدى.

شۇ قېتىمقى باستۇرۇشتا نۇرغۇن ئادەم ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى شۇنىڭدىن بېرى شۇ قېتىملىق ۋەقەدە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشتىن ئىزچىل ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن.

خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۈگۈنكى نامايىشنى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن ئۇيۇشتۇرغان.