بۇ ئۆمەكتىكى دىنىي زاتلار 12-23-ئۆكتەبىرگىچە دانىيە، پولشا ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولغان. ئۆمەك دۆلەتلىك دىنى ئىشلار ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، شىنجاڭ كۈندىلىك گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، بۇ دىنىي زاتلارنىڭ پارتىيىنىڭ دىنىي سىياسىتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە كۆزىنى ئېچىپ، ئىدىيىسىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن چەتئەلگە ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۆمەككە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى شەۋكەت ئىمىن رەھبەرلىك قىلغان.
شەۋكەت ئىمىن سۆزىدە، بىزنىڭ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلىرىمىز بارغان يېرىدە دۆلىتىمىزدە مىللەتلەرنىڭ ئىناق، جەمئىيەت تىنچ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بەخت ئىچىدە ياشايدىغانلىقىنى نامايان قىلدى، بىز بۇ زاتلارنىڭ جايلارغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، دىننىڭ سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلىشىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز، دېگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەزكۇر خەۋەرگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي زاتلارنى تەشۋىقات قورالىغا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىنىڭ ئەكسىچە، رايوندا ئەمەلىيەتتە دىنىي بېسىمنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، خەلقنىڭ نارازىلىقى كۆپىيىپ، رايون ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسايىن كەسكىنلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى دىنىي بېسىمىنىڭ چېكىدىن ئېشىۋاتقانلىقى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئەيىبلەنمەكتە. تېخى بۇ يىل رامزان مەزگىلىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ روزى تۇتۇشىنى چەكلەش ئۈچۈن قويغان تۈرلۈك چەكلىمىلىرى خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىپ، كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلغان ئىدى.