خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينى ئايال ئەرزدارلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى
2012.11.09
مەزكۇر دوكلاتتا خىتاينىڭ 18-قۇرۇلتاي ھارپىسىدا، قۇرۇلتاينىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئەرزدارلارنى تۇتۇش، نازارەت قىلىش ۋە جازالاش تەدبىرىنى يولغا قويغانلىقى، جازالانغانلار ئارىسىدا ئاياللارنىڭمۇ ئاز ئەمەسلىكى تىلغا ئېلىنغان. دوكلاتتا نۆۋەتتە سولاقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ۋە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان ماۋ خۇاڭفېڭ، ۋاڭ مېيلى قاتارلىق ئالتە نەپەر ئايالنىڭ ئىسمى ۋە كەچۈرمىشى تىلغا ئېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى 6 نەپەر ئايالنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىلغان.
رادىئومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئايال ئەرزدارلارنىڭ جازالىنىش ئەھۋالى ئۇيغۇر رايونىدىمۇ ئاز ئەمەس. بالىسىنى ئېلىپ قاچقان خىتاي قاراقچى ئۈستىدىن ئەرز قىلىۋاتقان قايتماس ئىرادىلىك ئەرزدار نۇرۇنگۈل توختى نۆۋەتتە ئاقسۇ ئۈچتۇرپاندا، چېقىلغان ئۆيى ئۈستىدىن داۋا قىلىۋاتقان ئايگۈل توختى بولسا، قەشقەر پەيزاۋاتتا قاماقخانىدا ياتماقتا. ئۇيغۇربىز تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا بېيجىڭدىن تۇتۇپ كېتىلگەن بۈمەريەم قاتارلىق ئايال ئەرزدارلار قەشقەرگە ئاپىرىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ھەققىدە ئائىلىسىگە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.