خىتاي ھۆكۈمىتى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىكى خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلدى

سابىق خىتاي رەئىسى جاۋ زىياڭنىڭ ئەسلىمىسى" دۆلەت مەھبۇسى" تورىدا سېتىلىشقا باشلىغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپلا قالماستىن 1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى قانلىق باستۇرۇشتەك خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلمىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.05.19
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي كوممۇنىستلىرى 1989 - يىلىدىكى ئوقۇغۇچىلار دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ " ئەكسىلئىنقىلابىي ھەرىكەت" ئىكەنلىكىنى ۋە قورال كۈچى ئىشلىتىپ باستۇرۇش قىلمىشىنىڭ توغرا بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 19 - ماي سەيشەنبە كۈنى، خىتاي باياناتچىسى ما جاۋشۈ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى مەيدانىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 1989 - يىلى مايدا قوزغالغان تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى 3 - 4 - ئىيۇن كۈنلىرى ھەربىي كۈچ ئىشلىتىپ قانلىق باستۇرغان ۋە يۈزلىگەن بىگۇناھ ئوقۇغۇچىلارنى ئۆلتۈرگەن ئىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.