ئەرىك خولدېر، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ليۇ شاۋبو مەسىلىسىدە نېگىزلىك ئىختىلاپى بارلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى ئەرىك خولدېر خىتاي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ بۇ يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ليۇ شاۋبو مەسىلىسىدە "نېگىزلىك ئىختىلاپى" بارلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن خولدېر ئارىدىكى ئىختىلاپ ئىككى دۆلەتنىڭ باشقا ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىغا توسالغۇ بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلدى.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ بېيجىڭدا خىتاي تەرەپ بىلەن ئېلىپ بارغان ئىككى كۈنلۈك سۆھبەتتە ليۇ شاۋبونىڭ مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ مەسىلە سۆھبەتتىكى ئاساسى سالماقنى ئىگىلىمىگەن. ئۇ مۇخبىرلارغا بەرگەن سۆھبىتىدە ئەسكەرتىپ، "بۇ مەسىلە ئوتتۇرىغا چۈشتى، لېكىن بۇ ساھەدە ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ نېگىزلىك ئىختىلاپى بار" دەيدۇ.

ئەرىك خولدېر ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى سۆھبەتنىڭ چېتىلىش دائىرىسى ۋە بۇ جەھەتتىكى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىدى. لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ما چاۋشۈينىڭ پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا ئەسكەرتىشىچە، تەرەپلەرنىڭ سۆھبىتى نۇقتىلىق قاچقۇنلارنى قوغلاپ تۇتۇش، تېررورلۇق ۋە زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلغان. ئەرىك خولدېرنىڭ زىيارىتى بىر ئامېرىكا فېدېرال سوت مەھكىمىسى يېقىندا بىر ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ "جۇڭگو بانكىسى"نى "تېررورچى"لارنىڭ پۇل پېرېۋوت قىلىشىغا ياردەم بېرىش بىلەن ئەيىبلەپ سۇنغان ئەرزىنى قوبۇل قىلغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى.

"ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى"نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2008‏ - يىلى خاماس تەرىپىدىن پىلانلانغان ئېرۇسالىمدىكى بىر ۋەقەدە ئامېرىكىلىق ئەر - ئايالنىڭ ئون نەچچە ياشلاردىكى ئوغلى ئۆلگەن. بۇ ئەر - ئايال "جۇڭگو بانكىسى" نى خاماسنىڭ مەزكۇر بانكا ئارقىلىق پۇل پېرېۋوت قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، بۇ تۈرلۈك ھۇجۇملارنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

ئەرىك خولدېرنىڭ خىتاي زىيارىتى يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلار بىرلەشمە كومىتېتى دوكلات ئېلان قىلىپ، 2010 ‏- يىلى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ناچارلاشقانلىقىنى، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قارىتىلغان باستۇرۇش ۋە كونتروللۇقنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلدى. ئۇ پرېزىدېنت ئوباما ليۇ شاۋبو مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى ئېنىق شەرھىلىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، "بىز خىتاينىڭ ليۇ شاۋبونى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق پۇقرالارنىڭ ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز" دەپ كۆرسەتتى.