خىتايدا خىمىيىۋىلىك ماددا قاچىلانغان 3000 باك دەرياغا ئېقىپ كەتكەن

خىتايدا خىمىيىلىك ماددا تولدۇرۇلغان 3000 مىڭ باك دەرياغا ئىقىپ كەتكەن. خىتايدا يۈز بەرگەن ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبلىك بۇ باكلار جىلىن شەھىرىدىكى ئىككى خىمىيىۋىلىك ماددا ئامبىرىدىن جەمئىي 7000 باك سۇڭخۇا دەرياسىغا قاراپ ئېقىپ كەتكەن ئىكەن. خىتاي دائىرىلىرى بۇ باكلارنىڭ 4000 ىنىڭ بوشلىقىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.07.29

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ باكلاردىكى خىمىيىۋىلىك ماددىلارنىڭ سۇغا ئارىلىشىپ كېتىش ئېھتىمالىغا قارشى جىلىن شەھىرىدىكى 4 يېرىم مىليون شەھەر ئاھالىسىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش توختىتىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئاھالىلەر سۇ سېتىۋېلىش ئۈچۈن دۇكانلارغا قاراپ ئېقىشقا باشلىغان.

ئەمما، پەيشەنبە كۈنى خىتاي دائىرىلىرى سۇدىن ئېلىنغان ئۆرنەكتىن ھېچقانداق خىمىيىۋىلىك تەركىبنىڭ بايقالمىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، شەھەر ئاھالىسىنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ھازىرغىچە 400 دەك باك سۈزۈۋېلىنغان.

ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرى ھازىر كەلكۈن ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان بولۇپ، خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 14 - ئىيۇلدىن باشلاپ ھازىرغىچە خىتاي بويىچە 40 مىليون كىشى ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 333 كىشى ئۆلگەن، 300 كىشى يوقاپ كەتكەن. بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 52 مىليارد 660 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.