بىرىنچى تۈركۈم پاختا تەرگۈچى خىتاي ئىشچىلار ئۇيغۇر دىيارىغا يېتىپ كەلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.08.20
2009.08.20
بۇلار بۇ قېتىملىق پاختا تېرىش مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارىغا كەلگەن بىرىنچى تۈركۈم خىتاي ئىشچىلىرى ئىكەن. بۇ ئىشچىلار بىڭتۇەننىڭ 6 - تۇەن ۋە 8 - تۇەنلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، 3 ئاي پاختا تېرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 8 - ئاينىڭ 19 كۈنىدىن 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنىگىچە بىر ئاي بويىچە ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىدىغان پاختا تېرىش ئىشچىلىرى ئۈچۈن يۈزدىن ئارتۇق مەخسۇس پويىز تەسىس قىلىنغان.
ئۇيغۇر دىيارىغا بۇ يىل 20 مىليون مىڭ مو پاختا تېرىلغان بولۇپ، بۇ پاختىلارنى تېرىش ئۈچۈن بىر مىليوندىن ئارتۇق ئىش كۈچى لازىم بولىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى تېخى يېقىندىلا بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياش ئوغۇل - قىزلىرىنى ئېشىنچى ئەمگەكچىلەر سۈپىتىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىگەن ۋە يەنە يۆتكەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.