10 ئاي ئىچىدە 260 تىن ئارتۇق خىتاي ئاققۇنى قولغا ئېلىندى

ئۆتكەن بىر نەچچە كۈن جەريانىدا ئامېرىكىغا قانۇنسىز سۇقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنۇپ، ئارىزونا شتاتى چېگرىسىدا قولغا ئېلىنغان خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ سانى كۆپەيگەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسى مېكسىكىدىن ئامېرىكىغا قانۇنسىز كىرگۈچىلەر بىلەن بىرگە تۇتۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا چېگرا قوغداش قىسىملىرى ئۆتكەن جۈمە كۈنىدىن 12 - ئۆكتەبىر دۈشەنبە كۈنىگىچە بولغان 4 كۈن جەريانىدا، 13 خىتاي ئاققۇننى قولغا ئالغان. بۇلار جۈمە كۈنى ئىككى نەپەر، شەنبە كۈنى 3 نەپەر، يەكشەنبە كۈنى 4 نەپەر ۋە 12 - ئۆكتەبىر كۈنى تۆت نەپەر بولۇپ ئايرىم ‏ - ئايرىم ھالدا قولغا چۈشكەن.

ئىلگىرىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىغا مېكسىكا ئارقىلىق سۇقۇنۇپ كىرىدىغان خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ نىسبىتى 2008 - يىلى ئۆكتەبىردىن 2009 - ئاۋغۇستقىچە كۆرۈنەرلىك ئاشقان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى 261 نەپەر خىتاي پۇقراسىنى قولغا ئالغان.