'خىتاي دائىرىلىرى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىن'
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.11.16
2009.11.16
ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى پالاۋغا قويۇپ بېرىلگەن 6 ئۇيغۇرنى ئۆز دۆلىتىگە مەڭگۈلۈك يەرلەشتۈرۈشنى رەت قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان پالاۋ پرېزىدېنتى تورىبئوڭ، ئاۋسترالىيىنىڭ قارارىدىن ھەيرانلىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئاۋسترالىيىنىڭ شۇنداق قارارنى چىقىرىشىغا خىتاينىڭ ئاۋسترالىيىگە بۇ ھەقتە ئىشلەتكەن بېسىملىرى سەۋەب بولغانلىقىنى تەخمىن قىلغان.
نۆۋەتتە پالاۋدا ياشاۋاتقان ئەخمەت تۇرسۇن، ئۆزلىرىنىڭ ئاۋسترالىيىگە يەرلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى، گەرچە ئاۋسترالىيە ئۇلارنى ھازىر رەت قىلغان بولسىمۇ، كەلگۈسىدە قوبۇل قىلىپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
گۈەنتانامودا ئەسلى 22 نەپەر ئۇيغۇر قامالغان بولۇپ، بۇلاردىن 5 نەپىرى ئالبانىيىگە، 4 نەپىرى بېرمۇدىغا ۋە 6 نەپىرى ئىككى ھەپتە ئىلگىرى پالاۋغا يەرلەشتۈرۈلگەن ئىدى. نۆۋەتتە گۈەنتانامودا يەنە 7 نەپەر ئۇيغۇر قويۇپ بېرىلىشىنى كۈتۈپ ياتماقتا.