خىتاي ئاخبارات ئەڭ قاتتىق چەكلىنىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىدە يەر ئالدى

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خەلقئارادىكى مەتبۇئات ئەركىنلىكىنىڭ 2011-يىللىق ۋەزىيىتى ھەققىدە بۈگۈن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، بۇ بىر يىل ئىچىدە دۇنيا مىقياسى بويىچە 66 مۇخبىرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، 1044 مۇخبىرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، 2000 غا يېقىن مۇخبىرنىڭ ھەر خىل شەكىلدىكى ھۇجۇملارغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك ۋەزىيىتىدە ھېچقانداق بىر ئىلگىرىلەش بولمىغان بولۇپ، خىتاي بۇ يىلمۇ ئىران ۋە ئېرىترىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىر قاتاردا دۇنيادىكى «ئاخبارات ئەڭ قاتتىق چەكلىنىدىغان» دۆلەتلەر تىزىملىكىدە يەر ئالغان.

مۇخبىرلارنىڭ ئۆلۈش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپى ئوتتۇرا شەرق ۋە لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە يۈز بەرگەن. ئەرەب باھارى مەزگىلىدە سۈرىيە، مىسىر، لىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە نۇرغۇن مۇخبىرلار قولغا ئېلىنغان.

بۇ يىل ئىچىدە مۇخبىرلار ئۈچۈن «ئەڭ خەتەرلىك» دەپ قارالغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى پاكىستان بولۇپ، بىر يىلنىڭ ئىچىدە پاكىستاندا 10 مۇخبىر قەستكە ئۇچراپ ئۆلگەن. چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى پاكىستاندىكى بۇ ۋەزىيەتنى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك دېگەن.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرىكى دوكلاتلىرىدىمۇ خىتايدىكى مۇخبىرلارنىڭ ئەھۋالى تەنقىد قىلىنغان. خىتاي گەرچە ئىقتىسادىي جەھەتتىن دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرسىمۇ، ئەمما ئۇ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە داۋاملىق ھالدا ئافرىقىدىكى بەزى كىچىك ۋە نامرات دۆلەتلەر بىلەن بىر قاتارغا تىزىلىپ كەلمەكتە.