خىتاي پاكىستاندىن بىر خىتاي ئايالنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى پاكىستاننىڭ پېشاۋۇر شەھىرىدە يۈز بەرگەن بىر خىتاي ئايالنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، پاكىستان دائىرىلىرىدىن ۋەقەنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىقىشنى ۋە پاكىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭ لېي يەنە، خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتىلغان بۇ خىل بۇ قىلمىشنى قاتتىق تەنقىدلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

سەيشەنبە كۈنى ساياھەتچى قىياپەتلىك بىر خىتاي ئايال پاكىستانلىق تەرجىمانىنى ئەگەشتۈرۈپ، پېشاۋۇردىكى بىر كوچىدا كېتىۋاتقاندا موتسىكلىتلىق بىر كىشى ئارقىدىن كېلىپ، خىتاي ئايال بىلەن ئۇنىڭ تەرجىمانىنى ئېتىپ تاشلاپ قېچىپ كەتكەن ئىدى.

پەيشەنبە كۈنى تالىبانلارغا قاراشلىق بىر گۇرۇھ بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ۋەقەگە جاۋابكار ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. بۇ گۇرۇھنىڭ باياناتچىسى مۇھەممەت ئافرىدى، بۇنىڭ «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى ئۆلتۈرۈۋاتقانلىقىدىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پاكىستاندىكى بۇ ۋەقە 28‏-فېۋرال قاغىلىق ناھىيىسىدە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 21 ئادەم ئۆلگەن، ئۇلاردىن 8 ئۇيغۇر خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، بىر كىشى ئېغىر يارىلاندۇرۇلغان ۋە نۇرغۇن كىشى تۇتقۇن قىلىنغان ئوخشاش بىر كۈندە يۈز بەرگەن.