خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە گېنېرالى گاري روگھېاد بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيە تەرەققىياتىنى چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقى، ئەمما بۇ جەرياندا ئۆز ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى كەلگۈسىدە ئاۋىئاماتكا ياسايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان بولۇپ، بۇ ھەقتە توختالغان ئامېرىكا گېنېرالى، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئاۋىئاماتكا ياساش تىرىشچانلىقىدىن ھەيران قالمايدىغانلىقىنى، ئەمما مەزكۇر ھەربىي ھازىرلىقلارنىڭ نېمە مەقسەتتە ئىشلىتىلىدىغانلىقنىڭ مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنىمۇ قوشۇمچە قىلغان.
ئامېرىكا دائىرىلىرى خىتاينى ھەربىي سېلىنما ۋە تەرەققىيات جەھەتتە ئوچۇق ئاشكارا بولماسلىق بىلەن ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان ئىدى.