خىتاي ئەدلىيە سېستىمىسى ئىنتېرنېتنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە

خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان مەملىكەتلىك سوت ئاخبارات تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئەدلىيە تارماقلىرىنى يېڭى شەكىلدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا چاقىرغان. ئۇ چاقىرىقىنى ئىزاھلىغاندا، نۆۋەتتە يېڭى شەكىلدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا، ئەدلىيە ساھەسى ئاكتىپ بولالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئەدلىيە سېستىمىسىنىڭ ئامما ئارىسىدىكى ئىناۋىتىنىڭ ئاجىزلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ ئەدلىيە تەشۋىقات ساھەسىنى مۇھىم سورۇنلاردا چەتتە تۇرۇۋالماسلىق، مۇھىم پۇرسەتلەردە سۈكۈتتە تۇرۇۋالماسلىق تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنتېرنېتتە داۋام قىلىۋاتقان قىززىق نۇقتا مۇنازىرىلىرىگە قاتنىشىش ۋە جامائەت پىكرىنى يېتەكلەشكە چاقىرغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئەدلىيە سېستىمىسى يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان ياكى ئادالەتسىز بىر تەرەپ قىلىۋاتقان بەزى دېلولار، ئىنتېرنېت مۇشتىرىلىرى ئارقىلىق جەمئىيەتكە يېيىلماقتا ۋە جەمئىيەتتە كەڭ كۆلەمدە مۇنازىرە پەيدا قىلماقتا. بۇنىڭ بىلەن ئەدلىيە سېستىمىسىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشى بەزى چاغلاردا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە. مەزكۇر چاقىرىق خىتاي ئەدلىيە سېستىمىسىنىڭ ئۇچۇرنى كونترول قىلىشتا چارىسىز قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.