تاموژنا خادىمى فىلىپوۋانىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يۈكلەرنى بىر خىتاي ماڭغۇزغان. مەسىلە چىققاندىن كېيىن، ئۆزىنى شىركەتچى دەپ ئاتىغان بىر خىتاي، بۇ يۈكلەرنى بېيجىڭدىكى بىر تۇنۇشىنىڭ تەلىپى بۇيىچە ماڭغۇزغانلىقىنى، ئەمما ئاللىقاچان قاچىلىنىپ تەييارلانغان بۇ يۈكنىڭ ئىچىدە نېمە بارلىقىنى ئۆزى بىلمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە ، بۇنىڭدىن بۇرۇن رۇسىيە تەرەپتە ئالىي تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى خىتايغا سېتىشنى چەكلەش ھەققىدە جىددىي مۇراجەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. رۇسىيىنىڭ سىماپلىق ئالىي تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى قاچىلانغان بۇ ئىككى يەشىك يۈك ھازىر رۇسىيە تاموژنىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.
ۋەقە ئاشكارىلانغاندىن، خىتاينىڭ بىر ھەربىي مۇتەخەسسىسى مۇلاھىزە ئېلان قىلىپ 'ھازىر جۇڭگونىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇرۇشچى ئايرۇپىلانلىرى ناھايىتى ئىلغار، رۇسىيىنىڭ سۇخۇي 27 بەلگىلىك ئۇرۇشچى ئايرۇپىلان تېخنىكىسى بىزگە كېرەك ئەمەس، ئۆزىمىز ھازىر تېخىمۇ زامانىۋىيىسىنى ياسىيالايمىز' دەپ پو ئاتقان.