خىتاي ئاۋسترالىيە فىلىم فېستىۋالىنى بايقۇت قىلدى

خىتاي ئاۋسترالىيىدە ئېچىلىدىغان مېلبورن فىلىم فېستىۋالىنى بايقۇت قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۈچ فىلىمىنى فېستىۋالدىن چېكىندۈرۈپ چىقتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009-07-23
Share

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي 8 - ئاۋغۇست ئاۋسترالىيىنىڭ مېلبورن شەھىرىدە ئېچىلماقچى بولۇۋاتقان فىلىم فېستىۋالىغا رابىيە قادىر ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت ھۈججەتلىك فىلىمنىڭ قاتناشتۇرۇلغانلىقى ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ كېلەر ئاي فېستىۋالنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن فېستىۋالدىن چېكىنگەن.

ئاۋسترالىيىنىڭ ئەڭ چوڭ فىلىم فېستىۋالى بولغان مېلبورن فىلىم فېستىۋالىغا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى تونۇشتۇرۇلغان " مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" ناملىق ھۈججەتلىك فىلىم قاتناشتۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاۋسترالىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىكى ئارقىلىق فېستىۋالنىڭ تەشكىللىگۈچىسى رىچارد مورغا فىلىمنى قويماسلىق ھەققىدە بېسىم ئىشلەتكەن ئىدى. خىتاي تەرەپ ئۆزىنىڭ ئۈچ فىلىمىنى فېستىۋالدىن چېكىندۈرگەندىن كېيىن، رىچارد مور ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى، ئەمما فېستىۋالنىڭ سىياسەت بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى، رابىيە قادىر خانىمنىڭمۇ فېستىۋالغا مېھمان سۈپىتىدە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رىچارد مور دۆلەت رادىئوسىغا قىلغان سۆزىدە، بىر فىلىم فېستىۋالىنىڭ سىياسى بېسىمغا ئۇچرىشىنىڭ ئىنتايىن ناچار بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ " بىز تۈزۈمىمىزدە چىڭ تۇرىمىز ۋە بۇنداق زومىگەرلىككە ھەرگىز بويۇن ئەگمەيمىز،" دېگەن ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى تونۇشتۇرۇلغان ھۈججەتلىك فىلىمنىڭ فېستىۋالدا داۋاملىق يەر ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت