فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزى بۈگۈن خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى

فرانسىيە ئاگېنتلىقنىڭ بايان قىلىشىچە، فرانسىيە - خىتاي مۇناسىۋىتى بۇنىڭدىن بۇرۇن، پرېزىدېنت ساركوزىنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىكى قاتارلىق ۋەقەلەر تۈپەيلىدىن يىرىكلىشىپ قالغان ئىدى.

ساركوزى بۈگۈن خىتايغا كېلىپ ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى. ئۇ ئىرانغا جازا قوللىنىشتا خىتاينىڭ قوللشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، تەيۋەننىڭ 'جۇڭخۇا مىنگو' دېگىنى بىلەن دالاي لامانىڭ 'خىتاينىڭ تولۇق ئاپتونومىيىسى بولۇش' دېگىنىنى قايتىىدىن تەكرارلىدى.

ئەمما شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈن، ساركوزى 'دۇنيادا بىرلا جۇڭگو بار، تەيۋەن، تىبەت ئۇنىڭ بىر قىسمى، ھازىر جۇڭگو دۇنيا سەھنىسىدە كام بولسا بولمايدىغان كۈچ، دۇنيانىڭ ئىشلىرى جۇڭگوسىز ھەل بولمايدۇ' دېدى، ۋە خۇ جىننتاۋ ئۇنى قوبۇل قىلدى، دەپ خەۋەر قىلدى.