گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل خانىم خىتاينى بازارنى ئېچىۋېتىشكە ئۈندىدى

خىتايدا زىيارەتتىكى گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل خانىم جۈمە كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاينى بازارنى كەڭ كۆلەملىك ئېچىۋېتىشكە ئۈندىگەن. مېركېلنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر سىنتەبىردە يىغىن چاقىرىپ، خىتاينىڭ بازار ئىگىلىكىدىكى دۆلەتلىك ئورنى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.

خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن خىتاينىڭ بازار ئىگىلىكىدىكى دۆلەتلىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئىزچىل تەلەپ قىلىپ كەلگەن. خىتاينىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بازار ئىگىلىكىدىكى دۆلەتلىك ئورنى ئېتىراپ قىلىنسا، خىتاينىڭ تۆكمە قىلىپ سېتىش سەۋەبىدىن جازالىنىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدىكەن.

لېكىن، مېركېل خانىم خىتاينىڭ بازار ئىگىلىكىدىكى دۆلەتلىك ئورنىنى ئېتراپ قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى 2 شەرتنىڭ ھازىرلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، "بىرىنچى، ئەقلى مۈلك ھوقۇقى مەسىلىسى، بىز خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ مەسىلىنى ئۇزۇندىن بېرى سۆزلىشىۋاتىمىز. ئىككىنچىسى، بازارغا كىرىش ئەركىنلىكى، بىز گېرمانىيە كارخانىلىرىنىڭ خىتاي بازىرىغا باشقا كارخانىلار بىلەن تەڭ باراۋەر كىرەلەيدىغان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز"دېگەن.

شۇ كۈنى گېرمانىيە بىلەن خىتاينىڭ 4 چوڭ شىركىتى 4 يېرىم مىليارد دوللارلىق سودا توختىمى ئىمزالىغان بولۇپ، گېرمانىيىنىڭ زىمىنس شىركىتى بىلەن خىتاينىڭ شاڭخەي ئېلېكتىر گېنىراتور شىركىتى 3 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق، دېيىملېر بىلەن خىتاينىڭ بېيچى ئاپتوموبىل شىركىتى 936 مىليون دوللارلىق توختام ئىمزالىغان.