ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتىسنىڭ زىيارىتى جەريانىدا خىتاي ئۆزىنىڭ" ج-20" تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانىنى سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇرغانلىق خەۋەر قىلغان ئىدى. ھازىرغىچە بۇ خىل راداردا كۆرۈنمەيدىغان كۈرەشچى ئايروپىلانغا پەقەت ئامېرىكىلا ئىگە بولسىمۇ، بىراق ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ بۇ خىل كۈرەشچى ئايروپىلاننى ياساپ چىقىش ئۈچۈن تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم ئىدى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇللېن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەلۋەتتە ھەربىي تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ ئۆزىنى قوغداش خاراكتېرلىك قوراللارنى ئەمەس، بەلكى يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۇرۇش قوراللىرىنى ياسىشىنىڭ كىشىنى گۇمانغا سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مايك مۇللىن يەنە، خىتاينىڭ بۇ خىل كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلان تېخنىكىسىغا ئىگە بولۇشىنىڭ خىتاي ئارمىيىسىگە بەلگىلىك دەرىجىدە كۈچ قوشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ئىگە بولۇۋاتقان بۇ خىل تېخنىكىلارنىڭ قارىماققا ئامېرىكىنى نىشان قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنىدىغانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى دۆلەت ھەربىي مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.