خىتاي ھىندىستان بىلەن ئارۇناچال پرادىشنىڭ ئىگىلىك ھوقوقى مەسىلىسىدە قىزىرىشىپ قالدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىڭ گاڭ، سەيشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پراناب مۇكخېرجېنىڭ ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال رايونىنىڭ ئىگىلىك ھوقوقى ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىگە ئېتىراز بىلدۈردى.

بۇنىڭ ئالدىدا يەنى 8 - نويابىر مىنىستىر مۇكخېرجې، ھىندىستان بىلەن خىتاي چېگرىسىغا جايلاشقان ئارۇناچال پرادىشقا قاراتقان زىيارىتى داۋامىدا بۇ رايوننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ھىندىستانغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

چېڭ گاڭ ئارۇناچال پرادىش شىتاتىنىڭ ئىگىلىك ھوقوقى ھەققىدە بۈگۈن بەرگەن باياناتىدا " ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ چېگرىسى تېخى ئېنىق ئايرىلغىنى يوق، بىز ھىندىستاننىڭ تارىخىي پاكىتلارنى قايرىپ قويۇپ،ئارۇناچال پرادىشنىڭ ئىگىلىك ھوقوقىغا دائىر ئاشكارا پىكىر بايان قىلىشىغا نارازى" دېگەن.

90 كۋادرات كېلومېتىر كېلىدىغان ئارۇناچال پىرادىش رايونىنىڭ ئىگىلىك ھوقوقى مەسىلىسى خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرسىدا نېگىزلىك زېمىن ئىختىلاپى ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇ سەۋەبلىك ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدا 1962 ‏ - يىلى قانلىق چېگرا توقۇنۇشى بولغان ئىدى.

خىتاي تەرەپ بۇ زېمىننىڭ تارىختىن بۇيان تىبەت قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ياشاپ كەلگەن،خىتاينىڭ تىبەت رايونىغا تەۋە زېمىن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ھىندىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى رەت قىلىپ، بۇ جاينىڭ خىتاي چېگرىسى ئىچىگە ئېلىنىشىنى تالىشىپ كەلمەكتە.

خىتاي ھىندىستان چېگرىسىغا جايلاشقان ئارۇناچال پىرادىش، ھىندىستانغا ئەنگىلىيە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دەۋىرلەردىلا ھىندىستان چېگرىسى ئىچىگە ئېلىنغان. 1986 ‏ - يىلى ھىندىستاننىڭ قانۇنلۇق شىتاتى دەپ ئېلان قىلىنغان ئىدى.