خىتاي، ئىشپىيونلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى دوكلاتقا نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي دائىرىلىرى دۈشەنبە كۈنى بايات ئېلان قىلىپ، ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكىدا تارقىتىلغان خىتاينىڭ ئىشپىيونلۇق ھەرىكىتىگە ئالاقىدار دوكلاتقا ئېتىراز بىلدۈردى ۋە بۇنىڭ ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاينىڭ ئامېرىكىدا ئىشپىيونلۇق ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىپ، ئامېرىكىنىڭ تېخنىكا ۋە سودا مەخپىيەتلىكلىرىنى ئوغرىلاۋاتقانلىقىغا ئالاقىدار دوكلات، ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا - خىتاي سودا خەۋىپسىزلىكىنى باھالاش كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىغا سۇنۇلغان.

دوكلاتتا، ئامېرىكا دائىرىلىرىدىن خىتاي ئىشپىيونلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى پائالىيەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش دەرىجىسىگە قاراپ چىقىش تەلەپ قىلىنغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايات ئېلان قىلىپ مەزكۇر دوكلاتنىڭ "پاكىتسىز ۋە بىر تەرەپلىمىلىك" ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

باياناتچى چىڭ گاڭ ئامېرىكا - خىتاي سودا ۋە خەۋپسىزلىكىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ خىتايغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى بەك سىنچى كۆزى بىلەن كۆرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە: "ئۇلار خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىدىغان ۋە ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە دەخلى يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك" دېدى.

دوكلات ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، دوكلاتتا ئومۇمەن خىتايغا قاتتىقراق سىياسەت قوللىنىش ئىدىيىسى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.