خىتاينىڭ كامپيۇتېر جاسۇسلۇقى ۋە ئۆكتەملىكى

بۈگۈن 'ۋولت سترىت جۇرنىلى' دا ئېلان قىلىنغان 'خىتاينىڭ كامپيۇتېر جاسۇسلۇقى' مەۋزۇلۇق ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ كومپيۇتېر تورلىرىغا سىڭىپ كىرىپ، ئامېرىكىنىڭ يېڭى تىپتىكى ئىلغار بومباردىمانچى ئايروپىلان پىلانىغا دائىر سەزگۈر ئۇچۇرلارنى ئوغرىلاشقا تىرىشىۋاتقان جاسۇسلۇق ھەرىكەتلەرنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى، بۇنداق جاسۇسلۇق ھەرىكەتلەرنىڭ مەنبەسى تامامەن خىتايدا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

بۇنداق جاسۇسلۇق ھەرىكەتلەرنىڭ بەزىلىرى ئۆزىنى يوشۇرۇشقا تىرىشقان. گەرچە بۇ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلەرنىڭ ھېچقايسى ئاخىرقى مەقسىتىگە يېتەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ بىرخىل جىنايەتنىڭ بەلگىسى.

خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسى 'يەر شارى خەۋەرلىرى' دېگەن گېزىتتە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇخىل جاسۇسلۇق ھەرىكەتلەردىن تېنىۋالماقچى بولۇپ 'بۇ بىر ئويدۇرما' دەپ جاكارلىدى. شۇنداقلا، باياناتىدا ئامېرىكا، رۇسىيە، ئىسرائىلىيىلەرنىڭ كامپيۇتېر تېخنىكىسى ئەڭ يۇقىرى، ئەگەر ئامېرىكا بىزنى قىلدى دېسە، بۇ، بىزنى بەك چوڭ كۆرگەنلىك، دەپ ئىزاھات بېرىش ئارقىلىق، باشقىلارغا تۆھمەت قىلماقچى بولىۋاتىدۇ.