نارازىلىق ھەرىكىتى ئاخىرى شىىددەتلىنىپ توقۇنۇش كېلىپ چىققان. توقۇنۇشتا خىتاي ساقچىلىرى تىبەتلىكلەرگە قارىتىپ ئوق چىقارغان. بۇنىڭ بىلەن ۋەقەدە 3 كىشى ئۆلگەن ۋە 30 نەچچە كىشى يارىدار بولغان.
مۇھاجىرەتتىكى تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەييۈ ناھىيىسىدە يېقىندا بىر ئالتۇن كان بايقالغان. ھۆكۈمەت تەرەپ بۇنى قېزىش ئۈچۈن ئىش باشلىغاندا، تىبەتلىكلەر كان قېزىشنىڭ رايوننىڭ ئېكولوگىيىسىنى بۇزۇدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قارشىلىق كۆرسەتكەن.
كۆزەتكۈچىلەر، تىبەتلىكلەرنىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىنىڭ رىزقى دەپ قاراۋاتقانلىقىنى، شۇڭا خىتاينىڭ بۇ جايدا كان ئېچىشىغا قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.