قەشقەر ۋە غۇلجىدا بىر قىسىم خىتايچە مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى قوش تىل ئوقۇتۇش بۆلۈمىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكى بۇ مەكتەپلەردە خىتايچە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەجبۇرىي، خىتايلار ئۈچۈن بولسا ئىختىيارىي دەرسلىك قىلىپ بېكىتىلگەن.
خەۋەرلەردە بۇ تۈزۈمنىڭ مەقسىتىنى ئۇيغۇر تىلى - يېزىقىنى قوغداش دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. ئەمما، بۇ تۇزۇم پەقەت قەشقەر ۋە غۇلجىدا 2 دىن 3 كە قەدەر مەكتەپتە، ھەپتىدە 2 سائەتتىن 3 سائەتكە قەدەر قىلىپ بېكىتىلگەن.
بۇنىڭدىن قارىغاندا، بۇ تۈزۈمنىڭ مەزكۇر مەقسەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا ناھايىتى ئاجىز بىر چارە ئىكەنلىكى كۆرۈلمەكتە. شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، بۇ مەسىلىگە كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى دىققەت - ئېتىبارغا ئالغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ 5 - ئىيۇلدىكى مىللىي قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلماقتا.