مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى مالىيە كومىتېتى رەئىسى مەكس بائۇكۇس ۋە پالاتا ئەزاسى چۇك گراسسلېي قاتارلىقلار تاشقى سودا كومىتېتى رەئىسى شارا ئارانوف بىلەن بۇ ھەقتە رەسمىي سۆزلەشكەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىشىچە، بائۇكۇس: "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدا ئامېرىكا ئەقلىي مۈلۈكلىرىنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى دەرىجىدە ئوغرىلىنىپ كېتىشىنى ئۈنۈملۈك توسماسلىقى نەتىجىسىدە، ئامېرىكا ئىشچىلىرى، ئامېرىكا ئىقتىسادى ۋە ئامېرىكا سودا - سانائىتى ئېغىر بەدەل تۆلىمەكتە،" دېگەن.
پالاتا ئەزاسى گراسسلېي بولسا، خىتاينىڭ ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنى ھەددىدىن تاشقىرى دەرىجىدە كۆچۈرۈپ ياسىشى نەتىجىسىدە ئامېرىكا تەرەپنىڭ مىليونلاپ زىيان تارتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پالاتا ئەزالىرى تاشىقى سودا كومىتېتى رەئىسىدىن بۇ ھەقتىكى دوكلاتنى بۇ يىل نويابىردا بىر قېتىم ۋە كېلەر يىلى مايدا بىر قېتىم تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.