خىتاي غەرب - شەرق تەبئىي گاز تۇرۇبا يولىدىن يەنە بىرنى قۇرۇشنى پىلانلىغان

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ جۈمە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر تەبئىي گاز بايلىقىنى شەرقتىكى سانائەت رايونلىرىغا توشۇيدىغان غەرب بىلەن شەرق ئارىسىدىكى تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىدىن يەنە بىرنى قۇرۇشنى پىلانلىماقتا ئىكەن. ئەگەر بۇ تۇرۇبا يولى قۇرۇلسا بۇ خىتاي يېقىنقى 7 - 8 يىل ئىچىدە ياسىغان 4 ‏ - تەبئىي گاز تۇرۇبا يولى بولۇپ قالىدۇ.

"خىتاي بىخەتەرلىك ژورنىلى" نىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان مەلۇماتىدىكى خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن بىر خەۋىرىدە "غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەيدىغان 4 ‏ - لىنىيەلىك تۇرۇبا يولى پىلانلانغانلىقى"نى بىلدۈرگەن. خەۋەردە يەنە، خىتاي نېفىت شىركىتىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ " تەبىئىي گاز مەنبەسى تارىم ئويمانلىقىدىن تېپىلغان يېڭى گاز قاتلىمىدىن قېزىلىدىغانلىقى"نى ئەسكەرتكەنلىكىنى يازغان.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرگە قارىغاندا، يېڭى گاز تۇرۇبىسىنىڭ شەرقتىكى ئەڭ ئاخىرقى بېكىتى خىتاينىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىدىكى ئۆلكىلەردە توختايدىكەن. " خىتاي بىخەتەرلىك ژورنىلى" دىكى خەۋەردە يەنە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ ھازىرغا قەدەر بايقالغان ئومۇمى تەبىئىي گاز زاپىسى 35 تىرلىئون كۇپ مېتىردىن ئاشىدىغانلىقى، ئويمانلىقدىكى گازلىقلارنىڭ بىرىدىن يىلىغا 4 مىليارد كۇپ مېتىر گاز چىقىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنىڭ 1 ‏ - لىنىيەسى 2004 ‏ - يىلى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ھازىر يىلىغا 12 مىليون كۇپ مېتىر گاز يوللايدىكەن.

تۇرۇبا يولىنىڭ 2 ‏ - لىنىيەسىنىڭ 2011 ‏ - يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى پىلانلانماقتا. 3 ‏ - لىنىيەسى بولسا لايىھەلىنىش باسقۇچىدا ئىدى. خىتاي بۇ ئىككى تۇرۇبا يولىدىن پايدىلىنىپ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىن تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلىشنى ئويلايدىكەن.