ئۇ خىتىدە، ئۆزىنىڭ قەشقەردە تۇغۇلغانلىقىنى ۋە يەرلىك خەلقلەرنىڭ مېھرى - مۇھەببىتىدىن ۋە رايوننىڭ يەرلىك ئەۋزەللىكلىرىدىن بەھرىمان بولۇپ چوڭ بولغانلىقىنى، بىراق ھازىر، ئۇ بۇرۇن شاھىت بولغان، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە كۆپلىگەن قىممەتلىك نەرسىلەرنىڭ غايىپ بولغانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە رايوننىڭ ئۆزىگە خاس گۈزەللىكىنى يوقىتىپ قويۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.
ئۇ خېتىدە يەنە، خوتەن ئەتلىسىنىڭ سۈپىتىگە ھەيرانلىقىنى ئىپادىلەش بىلەن بىللە، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە يەرلىك قول ھۈنەرۋەنچىلىك سانائىتى ھەققىدە دەرس تۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان. خەتتە يەنە بىر رايون ئۆزىنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكىنى يوقاتسا، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى يوقاتقان بولىىدىغانلىقى بايان قىلىنىپ، تارىخ ۋە مەدەنىيەتنى قوغداش تەشەببۇس قىلىنغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى يوقىتىش سىياسىتىگە بارلىق خىتاي زىيالىيلىرى قوللاش پوزىتسىيىسىنى تۇتىۋاتقان بىر مەزگىلدە، بىر خىتاي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ، يەرلىك ئالاھىدىلىكنى قوغداش ھەققىدىكى تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.