خىتاي ساقچىلىرى ئۈرۈمچىدە 'ئازا سانلىق مىللەتلەرگە پاسپورت ئىشلەش توختىتىلدى' دېگەن

رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ بۈگۈن يەتكۈزگەن ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى، تۈركىيىگە ئوقۇشقا ياكى تۇغقان يوقلاشقا بېرىش ئۈچۈن پاسپورتقا ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇرلارغا 'ھازىر ئاز سانلىق مىللەتلەرگە پاسپورت ئىشلەش توختىتىلدى'دېگەن.

ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ھازىر باشقا جايلاردىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ پاسپورتقا ئىلتىماس قىلىۋاتقان ياكى پاسپورت كۈتۈپ تۇرغان ئۇيغۇرلارغا قەستەن قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇۋاتىدۇ.

پاسپورتقا ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇرلار ئۇلاردىن 'نېمە ئۈچۈن توختىتىلدى' دەپ سورىسا، بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.