خىتاي پۇل قىممىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي مەركىزى بانكىسى خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان تەڭشەشنىڭ ئانچە چوڭ بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەركىزىي بانكا جۈمە كۈنى، پۇل قىممىتىدە مەلۇم تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.06.21

شەنبە كۈنى ئۇلار يەنە خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ تەڭپۇڭ ۋە مۇقىم بولىدىغانلىقىنى، تەڭشەش ئېلىپ بېرىلغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ ناھايىتى ئاز نىسبەتتە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

خىتاينىڭ مەركىزىي بانكىسى يەنە خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنىڭ دوللارغىلا ئەمەس، باشقا ئامىللارغىمۇ قاراپ تەڭشىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مەزكۇر قارار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن دۇنيا پاي چەك بازارلىرى خىتاينىڭ ئاخىرقى قارارىنى كۈتمەكتە. ئاسىيا پاي چەك بازىرىدا مۇئەييەن نىسبەتتە ئۆسۈش كۆرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرى خىتاينىڭ ئېكسپورت قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى قەستەن تۆۋەن تۇتۇپ، ئادالەتسىز پايدا ئېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاينىڭ پۇل سىياسىتىنى ئەيىبلەپ كەلگەن. ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامامۇ خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتى مەسىلىسىنى مۇھىم كۈن تەرتىپكە قويۇپ، خىتايغا بۇ ھەقتىكى بېسىمنى ئاشۇرۇۋاتقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.