ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ 6 - ئايدىكى بىر ئايلىق سودا قىزىل رەقىمى 8.18 پىرسەنت كۆپىيىپ، ئاز كەم 50 مىليارد دوللارغا يەتكەن. بۇ قىزىل رەقەمنىڭ يېرىمى ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىسىدا كۆرۈلگەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىدا 6 - ئاي ئىچىدىكى بىر ئايلىق قىزىل رەقىمى 2.26 مىليارد دوللار كۆپەيگەن. بۇ سان 2009 - يىلى 6 - ئايدا 4.18 مىليارد دوللار ئىدى.
خىتاي بىلەن بولغان سودىدا بۇ يىل 6 - ئايدىكى بىر ئايلىق قىزىل رەقەم ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا ئاز كەم 8 مىليارد دوللار ئاشقان. كېڭەش پالاتا ئەزاسى چارلىز شۇمېر سەيشەنبە كۈنى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، "بۇ سانلىق مەلۇماتلار خىتايغا بېسىم ئىشلەتمىگىچە، ئۇنىڭ پۇل كۇرسىنى مونوپول قىلىشقا خاتىمە بېرىش نىيىتىنىڭ قانچىلىك ئاز ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى كۆپچىلىك ئەزالار ۋە ئامېرىكا كارخانا ساھەسى خىتاينىڭ خەلق پۇلى كۇرسىنى مەقسەتلىك چۈشۈرۈپ، ئادالەتسىز ئېكسپورت رىقابىتى بىلەن شوغۇللىنىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئامېرىكا سودا قىزىل رەقىمىنىڭ زورىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.