خىتاي باياناتچىسى چىڭ گاڭ مۇنداق دېدى: "بىز ئالاقىدار ئامېرىكا سىياسىيونلىرىنىڭ باشقىلارنى ئەيىبلەشنىڭ ئورنىغا ئۆز ئىقتىسادىدىكى قورۇلما خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىشىپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز."
بىر قىسىم غەرب ئىقتىسادشۇناسلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى بازار نەرخىدىن قەستەن تۆۋەن تۇتۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرسەتكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي شۇ ئارقىلىق خىتاي ماللىرىنىڭ تەننەرقىنى تۆۋەنلىتىپ، خەلقئارادا ئادالەتسىز بازار رىقابىتى پەيدا قىلغان ۋە غەرب شىركەتلىرىنىڭ زىيان تارتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن.
مەزكۇر پىكىر ئامېرىكا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئارىسىدىمۇ بارغانچە ئۇلغىيىشقا باشلىغان ئىدى.
ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى تىمىتي گايتنېر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خەلق پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى تەڭشەشنى رەت قىلىشى دۇنيا خاراكتېرلىك تەڭسىزلىك پەيدا قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى يەنە، چارلېز سكۇمېر قاتارلىق ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى خەلق پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتى مەسىلىسىدە خىتاينى جازالايدىغان بىر قانۇن لايىھىسى تونۇشتۇرغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، پالاتا ئەزالىرى يەنە، مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە قانۇن قىلىپ تۈزۈپ چىقىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن.