نۆۋەتتە، قەشقەر قەدىمىي رايونلىرىنىڭ يۇمىلاق شەھەر كۆلبېشى، ئۆستەڭ بويى، نور بېشى رايونلىرى چېقىلماقتا ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قەدىمىي جايلارنىڭ پەقەت بىر قىسىم كوچىلىرىلا ساياھەتچىلىك ئۈچۈن ساقلىنىپ قېلىنىدىكەن.
قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ، تاش بازىرى، پايناپ يولىدىكى مەھەللىلەر 2003 - يىلىمۇ بىر قېتىم چېقىلغان ئىدى.
2003 - يىلى، قەشقەرنىڭ كونا بازار رايونلىرىدىن تاش بازىرى چېقىلغان. بۇ يەرلىك خەلقنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئەمما، مەزكۇر رايون خىتاي سودىگەرلەرگە سېتىۋېتىلگەن بولغاچقا، خەلق ئەرزىنى ئاقتۇرالمىغان.
نەتىجىدە تاش بازىرىنىڭ ئورنىغا "ۋېنجۇلۇقلار شەھەرچىسى" سېلىنغان. ھازىر بۇ شەھەرچىدە پۈتۈنلەي خىتايلار سودا قىلماقتا.