خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پروگراممىلىرى بىشكەكتە كۆرسىتىلىشكە باشلىدى

25 - سېنتەبىر كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رۇس تىلىدىكى پروگراممىلىرىنى بىشكەكتە تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستان ئالاقە مىنىستىرلىكىنىڭ ۋەكىلى قىرغىزىستان تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خىتايغا بەش يىللىق مۆھلەت بىلەن ئىجارىگە بېرىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. مۇراسىمدا سۆز قىلغان خىتاينىڭ قىرغىزىستاندىكى باش ئەلچىسى ۋاڭ كەيۋېن بۇ قانال ئارقىلىق ئۇچۇر ۋە كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرلىق پروگراممىلارنىڭ كۆپلەپ بېرىلىدىغانلىقى ۋە بۇ ئارقىلىق قىرغىزستانلىقلارنىڭ خىتاينى تېخىمۇ يېقىندىن بىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.

قىرغىزىستان ئالاقە مىنىستىرى بولسا قىرغىزىستاننىڭ خىتايدىن جۇمھۇرىيەتنىڭ جەنۇبىدىكى باتكەن ئوبلاستىدىكى ئاھالىلارنىڭ بىۋاسىتە قىرغىزىستان دۆلەتلىك تېلېۋىزىيىسىنىڭ پروگراممىلىرىنى تارتالايدىغان ئەسلىھەلەرنى ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە تارقىتىدىغان تېلېۋىزىيە ۋە رادىئو پروگراممىلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ھۆكۈمەتلىرى بىلەن ئالاقىلار ئورناتقانلىقى مەلۇم ئىدى.

خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چەتئەللەرگە كۆرسىتىش بېرىدىغان ئىنگىلىز، رۇس تىللىرىدىكى پروگرامممىلىرىدا مەخسۇس 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە تەشۋىقاتلار تەييارلاپ، تارقاتقانلىقى مەلۇم.