بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ موسكۋادىن بايان قىلىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى دېمترى مېدىۋېتىف بىلەن خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بۈگۈن ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتىدا، رۇسىيە بىلەن خىتاي بۇنىڭدىن كېيىن سودىدا ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت پۇلى روبلى بىلەن يۇەننى قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بەزى ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا تايانماسلىق ئۈچۈن قەدەم باسقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يىل، خىتاي دۆلەت قۇرغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى چوڭ خاتىرىلەيدىغان يىل، شۇنداقلا سوۋېت ئىتتىپاقى يېمېرىلىپ خىتاي كۈچلۈك دۈلەتكە ئايلاندىن كېيىنكى خىتاي - رۇسىيە مۇناسىۋىتىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر يىل.