ياۋروپا بىرلىكى خىتاينى ساختا تاۋارلىرىنى يىغىشتۇرۇش ھەققىدە يەنە ئاگاھلاندۇردى

ياۋروپا بىرلىكىنىڭ باج ۋە تاموژنا ئىشلىرى كومىسسىيونى تۈنۈگۈن شاڭخەيدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، خىتاينى ئالدىنقى يىلى قول قويغان كېلىشىمگە ئاساسەن، ساختا تاۋارلارنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىشكە يەنە بىر قېتىم چاقىرىق قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.09.03

كومىسسىيون باشلىقى ئالگىرداس سەمەتا، ساختا تاۋار مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن قەغەز يۈزىدە ياخشى كېلىشىۋاتقانلىقىنى، بىراق ئىجرا قىلىشتا ئۇنداق بولمايۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە يەنە ئىلگىرىلەپ تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپادىكى ساختا تاۋار قاتارىغا كىرىدىغان ئاياغلارنىڭ 90%ئى، كومپيۇتېر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ 81%ئى ۋە كىيىم كېچەكلەرنىڭ 72% ئىنىڭ خىتايدىن كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئالدىنقى يىلقى كېلىشىم بويىچە، ئىككى تەرەپ بىرلىكتە تاموژنىدا ساختا تاۋارلارنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى تەسىس قىلغان. نەتىجىدە يىل ئاخىرىدا، ياۋروپا تەرەپ، ساختا تاۋارغا ئالاقىدار 55 دېلونى پاش قىلغان، خىتاي تەرەپ بولسا ئاران 5 دېلو پاش قىلغان.

بىر ھەپتىدىن بېرى ياۋروپا بىرلىكى بىلەن خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ سۆھبىتىدە، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ساختا تاۋارلارنىڭ ياۋروپا كارخانىچىلىرىنىلا ئەمەس، خىتاينىڭ ئۆز ئىچىدىكى قانۇنلۇق تىجارەت قىلىۋاتقان كارخانىلىرىنىمۇ زىيانغا ئۇچرىتىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەمما، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە خىتاي تەرەپنىڭ بۇ مەسىلىگە قانداق سەۋەب كۆرسەتكەنلىكى ياكى ۋەدە بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.