يىغىندا، "دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر زەربە نىشانىنى مائارىپ ساھەسىگە قاراتتى،" دېگەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ئەركىن تۇراخۇن، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ ساھەسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچى ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي ئىدىيىۋى كۆز قارىشىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، دۆلەتكە ياراملىق ئىز باسارلارنى تەربىيىلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك دەپ ئەسكەرتكەن.
ئەركىن تۇراخۇن يەنە، مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ سىياسىي ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ تەلىم - تەربىيە ئىشلىرىدا خىتاينىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتا ياراملىق ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىشى كېرەك، مائارىپ ساھەسىدە ئىدېئولوگىيە ساھەسى بۇيىچە بۆلگۈنچىلىككە قارشى مۇستەھكەم قورغان ھاسىل قىلىپ ئۇلارنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى قەتئىي توساش كېرەك دەپ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يوليورۇقىنى يەتكۈزگەن.
بۇنىڭ ئالدىدا ۋاڭ لېچۇەن "دۆلەت ئىچى ھەم سىرتىدىكى بۆلگۈنچى دۈشمەن كۈچلەر قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىمىزگە ھۇجۇم قىلىپ، مائارىپ ساھەسىگە بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىلىرىنى سىڭدۈرمەكتە "دېگەن ئىدى.
ئىگىلىشىمىزچە، نۆۋەتتە پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ ساھەسىدە ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش سىياسىي ئۆگىنىش دولقۇنى باشلانغان.
