سۈنئى ھەمراھ سوقۇلۇپ پەيدا بولغان ئەخلەت مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرگە خەۋپ كەلتۈرىدۇ

يېقىندا ئامېرىكىنىڭ سودا - تىجارەت ئۈچۈن قوللىنىدىغان سۈنئى ھەمراھى بىلەن رۇسىيىنىڭ ھەربىي ئىشلار ئۈچۈن قوللىنىدىغان سۈنئى ھەمراھى ئالەم بوشلۇقىدا سوقۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن، بۈگۈن 'شىنخۇا ئاگېنتلىقى' خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ سۈنئى ھەمراھ لايىھىلىگۈچىسى تاڭ بوشۈينىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ 'بۇ قېتىمقى سۈنئى ھەمرا سوقۇلۇش ۋەقەسى خىتاينىڭ "ئالەم ئوردىسى" پىلانىغا تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ' دەپ جاكارلىدى، گەرچە خىتاي 2007‏ - يىلى 1 ‏ - ئايدا ئۆزىنىڭ بىر سۈنئى ھەمراھىنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئېتىپ چۈشۈرگەندە پەيدا قىلغان مىڭلىغان ئالەم ئەخلەتلىرىنى تېخىچە تازىلىيالمىغان بولسىمۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.02.14

ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ باش شىتاب رەئىسى جەيمىس كارترايت دۇنيانى ئاگاھلاندۇرۇپ 'ئىنسانىيەتنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى ئەقلىي مۈلۈكلىرى بىر نەچچە ئوندىن مىڭ، ھەتتا تۈمەن خانىلىق سانغا كۆپىيىپ، ھازىر ئالەم بوشلۇقىدا قىستىلىشماقتا. ئەقەللىيسى، ھەر قانداق بىر دۆلەت ئۆزىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنى زۆرۈر تېپىلغاندا تەڭشىيەلىشى كېرەك. بولمىسا بىخەتەرلىك مەسىلىسى پەيدا قىلىدۇ' دېدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى گىوف موررېلنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىم يۈز بەرگەن سۈنئى ھەمراھ سوقۇلۇشىدا، ئالەم بوشلۇقىدا ئاز دېگەندە 500 دىن ئارتۇق ئەخلەت پەيدا بولدى. بۇ مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى مۈلۈكلىرىنى خەۋپكە يۈزلەندۈرىدۇ. 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.