خىتاي ئامېرىكىنى تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشنى توختىتىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەيۋەنگە "ۋەتەنپەرۋەر" بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ھەربىي ۋە دىپلوماتىك ئورگانلىرى ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇنىڭدىن ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنى "خىتاينىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىش" قا چاقىردى.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇاڭ شۆپىڭ، "بىز ئامېرىكىنى خىتاينىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز" دېگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى تۈنۈگۈنكى باياناتىدا، "جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، بىزنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىمىز قەتئىي ۋە ئىزچىلدۇر" دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.

خىتاي ئارمىيىسىدىكى بەزى گېنېراللار بولسا، تەيۋەنگە قورال ساتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىگە ئىمبارگو قويۇپ، "جۇڭگو خەلقىنىڭ مەنپەئەتى بىلەن ئويناشقان كارخانا ۋە گۇرۇھلار"نىڭ جۇڭگودىكى مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىشنى تەشەببۇس قىلغان.

جۇڭگو ئاخبارات ئاگنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، بۇ تەشەببۇسنى جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنىدىكى گېنېرال مايور ياڭ يىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇ يەنە، خىتاينىڭ پوزىتسىيىسىدە "ئۆزگىرىش ياسايدىغان ۋاقىت كەلگەنلىكى"نى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكىنىڭ تەيۋەندىكى غەيرى رەسمىي ئەلچىخانىسى ئالدىنقى كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، "ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ لاكھېد مارتىن شىركىتىگە تەيۋەن بىلەن "ۋەتەنپەرۋەر" تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىپ بېرىش توختامى تۈزۈش ھوقۇقى بەرگەنلىكى"نى بىلدۈرگەن ئىدى.