خىتاي تەيۋەنلىكلەرنىڭ خاڭجۇ، نىڭبو قاتارلىق شەھەرلەرگە كېلىدىغان ساياھەت ئۆمەكلىرىنى چەكلىگەن

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي بۈگۈن تەيۋەندىن كېلىدىغان ساياھەت ئۆمەكلىرىگە، بولۇپمۇ رابىيە قادىرنىڭ فىلىمى قويۇلغان گاۋشيۇڭ قاتارلىق جايلاردىكى 60 ساياھەت ئۆمىكىگە، ئۇلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خاڭجۇ، نىڭبو قاتارلىق شەھەرلەرگە قىلىدىغان ساياھىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.10.21

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ تەيۋەندە رابىيە قادىرنىڭ فىلىمى قويۇلغانلىقى ئۈچۈن پەيدا بولغان ئاچچىقى تېخىچە يانمىغان.

بۇنىڭدىن بۇرۇن دالاي لامانىڭ تەيۋە نگە كېلىشىگە رۇخسەت قىلىنغاندا ۋە رابىيە قادىرنىڭ فىلىمىنى قويۇش قارار قىلىنغاندا، گەرچە تەيۋەن ھۆكۈمىتى رابىيە قادىرغا ۋىزا بەرمىگەن بولسىمۇ، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ساياھەت ئورگانلىرى ئۇيۇشتۇرغان ساياھەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى بىلەن 30% ئازلىغان ئىدى.

يېقىندا رابىيە قادىر ياپونىينى زىيارەت قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، خىتاينى تېخىمۇ قاتتىق ئەيىبلەشكە باشلىغان، ھەتتا تەيۋەننىڭ كوممۇنىست خىتايغا يېقىنچىلىق قىلىۋاتقان ما ھۆكۈمىتىنىمۇ 'دېموكراتىيىنى ياقلىمايدىغان ھۆكۈمەتكەن' دەپ تەنقىدلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.