خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا يەنە گەپ ئويۇنى باشلاندى

خىتاينىڭ دېڭىز جەمئىيىتى دېگەن ئورگىنىنىڭ باشلىقى چېن يۈنلىن بىلەن تەيۋەن دېڭىز فوند جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جياڭ بىڭكۈن تۈنۈگۈندىن ئېتىبارەن تەيبېيدىن 'ئالاھىدە ھاۋا قاتنىشى'، 'پوچتا خالتىلىرىنى بىۋاستە يەتكۈزۈش' دېگەندەك تۆت مەسىلىدە كېلىشىم تۈزۈش ئۈچۈن سۆھبەتلىشىشكە باشلىغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2008.11.05

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ تەيبېيدىن خەۋەر قىلىشىچە، سۆھبەتتە كوممۇنىست خىتاي ئەمەلدارى چېن يۈنلىن تەيۋەننىڭ پرېزىدېنتى ما يىڭجيۇنى بىر تۇرۇپ 'ما ئەپەندى'، دېسە، بىر تۇرۇپ 'تەيۋەننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى' دەپ، يەنە بىر تۇرۇپ 'تەيۋەن رەھبىرى' دەپ ۋە ياكى باشقا نام بىلەن ئاتاپ، ھەر بىر قىلغان سۆزىدە 'تەيۋەن پرېزىدېنتى' دېگەن ئاتالغۇنى تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تەيۋەن تەرەپ بولسا ھەر بىر سۆزىدە 'تەيۋەن پرېزىدېنتى' دېگەن نامنى كۆپ تەكرارلاپ، كوممۇنىست خىتاي ئەمەلدارىغا، ئەگەر ئۇ پەيشەنبە كۈنى تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىنجيۇ بىلەن كۆرۈشەلىسە، كېلىشم تۈزۈش ئوڭۇشلۇق بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.