بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ تەيبېيدىن خەۋەر قىلىشىچە، سۆھبەتتە كوممۇنىست خىتاي ئەمەلدارى چېن يۈنلىن تەيۋەننىڭ پرېزىدېنتى ما يىڭجيۇنى بىر تۇرۇپ 'ما ئەپەندى'، دېسە، بىر تۇرۇپ 'تەيۋەننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى' دەپ، يەنە بىر تۇرۇپ 'تەيۋەن رەھبىرى' دەپ ۋە ياكى باشقا نام بىلەن ئاتاپ، ھەر بىر قىلغان سۆزىدە 'تەيۋەن پرېزىدېنتى' دېگەن ئاتالغۇنى تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تەيۋەن تەرەپ بولسا ھەر بىر سۆزىدە 'تەيۋەن پرېزىدېنتى' دېگەن نامنى كۆپ تەكرارلاپ، كوممۇنىست خىتاي ئەمەلدارىغا، ئەگەر ئۇ پەيشەنبە كۈنى تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىنجيۇ بىلەن كۆرۈشەلىسە، كېلىشم تۈزۈش ئوڭۇشلۇق بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.