خىتاي تورچىلار ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامادىن ئەركىنلىك ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلدى

خىتاي تور ئەزالىرى يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ تور بېتىگە سۆز قالدۇرۇپ، ئوبامادىن خىتاي خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.02.27

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تور ئەزالىرىنىڭ ئادەتتە بۇ توربەتلەرگە كىرىشى چەكلەنگەن بولۇپ، تورچىلار يېقىندىن بۇيان مەلۇم بىر خىل تېخنىكىنى قوللىنىپ پرېزىدېنت ئوبامانىڭ توربېتىنى زىيارەت قىلىشقا مۇۋەپپەق بولالىغان. ئۇلار قالدۇرغان سۆزلىرىدە، خىتايدىكى سۆز ئەركىنلىكى، مەتبۇئات ئەركىنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەردە خىتاي خەلقىگە ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلغان؛ ھەتتا بەزى تور ئەزالىرى خىتاي خەلقىنى قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغان.

بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى، مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا دۇچ كەلگەن. خىتاي باياناتچى جاۋابىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى قوغداۋاتقانلىقىنى تەكرارلىغان. ئۇ يەنە پۇقرالارنىڭ پىكىر بايان قىلىۋاتقاندا دۆلەتنىڭ قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە بويسۇنۇشى كېرەكلىكىنىمۇ ئەسكەرتكەن.

مۇخبىر بۇ تېمىدا باياناتچىدىن، پۇقرالارنىڭ توردا ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلىشىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى سورىغان. خىتاي باياناتچى بۇ سوئالنى جاۋابسىز قالدۇرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.