شىنخۇا ئاخباراتىدا كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر پىكىر 26 - ئۆكتەبىر ئاياغلاشقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتىيە كومىتېتى 7 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 8 - قېتىملىق كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
يىغىن قاتناشقۇچىلىرى، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئاجىزلىقىنى ۋە بوشلۇقلىرىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ئاساسىي قاتلامدا پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش خىزمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى يېزا ۋە شەھەرلىرىدە ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
يىغىندا، يېزىلاردا بولسا كەنت دەرىجىلىك پارتىيە ياچېيكىلىرى قۇرۇلۇشىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىش، شەھەرلەردە بولسا ئاھالىلەر كومىتېتلىرىدا پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ئېلىپ بارغاندىن سىرت يەنە، يەككە تىجارەتچى ۋە سىرتتىن كەلگەن ئاقما نوپۇس توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىستراتېگىيىسى تەكىتلەنگەن.