خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى

بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرى چىڭخەينىڭ خۇاڭنەن تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستىدا "قوش تىللىق مائارىپ"قا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش پارتلىغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، ئۈرۈمچى، ئىلى، قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوم ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى - ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەقىپ قىلىشنى جىددىيلەشتۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.10.22

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، چىڭخەيدىكى ۋەقەدىن كېيىن دائىرىلەر يۇقىرىقى شەھەرلەردىكى ئۇيغۇرلار كۆپرەك سالماقنى ئىگىلەيدىغان ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكوملاردا ئامانلىق كۈچلىرىنى كۆپەيتكەن.
 
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرى، سىياسى يېتەكچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى ئاكتىپلارنى سەپەرۋەر قىلىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقە دائىرىسى، ھەرىكىتى ۋە تورغا چىقىشنى كونترول ئاستىغا ئالغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، دائىرىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائالىيىتىنى كونترول قىلىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئوي پىكىرى ۋە ئىدىيىسىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيە تەربىيىسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان.

بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرى چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ خۇاڭنەن تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى رېبكوڭ قاتارلىق ناھىيىلىرىدە نەچچە مىڭ كىشىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ "قوش تىللىق مائارىپ"قا قارشى تۇرۇش نامايىشى پارتلاپ، تىبەت تىلىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن سىقىپ چىقىرىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا "قوش تىللىق مائارىپ"نى كۈچەپ يولغا قويۇپ، يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بىر پەيتتە يۈز بەرگەنلىكتىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ھەتتا شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق بەزى مەكتەپلەردە مەكتەپ تور بېكىتىنىڭ پىكىر ئالاقە ساندۇقى تاقىۋېتىلگەن.

تىبەتلەر چىڭخەينىڭ رېبكوڭ قاتارلىق ناھىيىلىرىدە نامايىش قىلغاندىن كېيىن، دائىرىلەر "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"نىڭ ئەكسىچە نامايىشچىلارغا چېقىلمىغان شۇنداقلا پەيشەنبە كۈنى ئۆلكىلىك پارتكوم سېكرېتارى نامايىشچىلارنىڭ ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلغان ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي دائىرىلىرىنى تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا قوش ئۆلچەملىك سىياسەت يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى مىللىي تىل - يېزىقنىڭ ئورنىغا خىتاي تىلىنى دەسسىتىشتىن ئىبارەت بىر تەرەپلىمىلىك "قوش تىللىق مائارىپ"نى بىكار قىلىشقا چاقىردى.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.