خىتاي ياپونىيىنى شەرقى دېڭىز مەسىلىسىنى جىددىيلەشتۈرمەسلىككە چاقىردى

شەرقى دېڭىز مەسىلىسى خىتاي- ياپونىيە ئارىسىدىكى تارىخىي مەسىلىلەردىن بىرىدۇر. ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئالدىنقى كۈنى ئەگەر خىتاي شەرقى دېڭىزدا ئۆز ئالدىغا تەبىئىي گاز ئېچىشنى باشلىسا، خەلقئارالىق دېڭىز سوتىغا ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ياپونىيىنىڭ شەرقى دېڭىز مەسىلىسىنى جىددىيلەشتۈرمەسلىككە چاقىرغان. خىتاي باياناتچى سۆزىدە، شەرقى دېڭىز مەسىلىسىدە خىتاينىڭ ياپونىيە بىلەن 2008 ‏- يىلىدىكى كېلىشىمگە ئاساسەن ئىش تۇتۇدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىككى تەرەپنىڭ شۇ قېتىمقى كېلىشىمىدە شەرقى دېڭىزنى ئورتاق ئېچىش، ئورتاق پايدىلىنىش ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالىغان، ئەمما رەسمىي توختاملاشمىغان ئىدى.

مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، شەرقى دېڭىزدىكى تەبىئىي بايلىقنىڭ زاپاس مىقدارى دۇنيا بويىچە تۆتىنچى ئورۇندا بولۇپ، بۇ بايلىققا قايسى تەرەپنىڭ ئىگە بولۇشى ئىككى تەرەپنىڭ دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارا كۈچىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى بايان قىلىنماقتا.