ياپونىيە باش مىنىستىرى خىتايدا ياپونىيىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلاردىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.10.18
2010.10.18
ياپونىيە - خىتاي ئارىسىدىكى سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە جىددىيلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەمدە بۇ ھەپتە ئاخىرى ھەر ئىككىلا دۆلەتتە بىر - بىرىگە قارشى نامايىشلار ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. شەنبە كۈنى، خىتاينىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە يۈزلىگەن خىتاي پۇقراسى ياپونىيىگە قارشى نامايىش قىلغان.
بۇ خىلدىكى نامايىشلار يەكشەنبە كۈنى، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ جىنياڭ شەھىرىدىمۇ ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، نامايىشچىلار ياپونىيىلىكلەر ئىگىدارچىلىقىدىكى دۇكانلارغا ھۇجۇم قىلغان.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، ياپونىيە باش مىنىستىرى ناوتو كان ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا "خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلارنىڭ تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىكەنلىكنى ئاڭلىدۇق" دېگەن.
كان يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن خىتايدىكى ياپونىيە پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە بۇ ئىككى دۆلەت ئوز مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا ئىكەن.