دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەم گۇاڭدۇڭ بۆلۈمىگە ئىنكاس قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىنى ئاساس قىلىپ ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىكەن.
دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە: "ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن، كۇچا، شايار، ئاۋات ناھىيىلىرى تەۋەسىدە، بولۇپمۇ يېزىلاردا ساقچىلار 13 ياشتىن يۇقىرى ئۆسمۈرلەرگە قارىتا تىزىملاش، قاتتىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، كەلپىن ناھىيىسىنىڭ يېزىلىرىدا تەكشۈرۈش قاتتىق بولماقتا" ئىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە خىتاينىڭ سىياسىي جىنايەتچىلەرنى قامايدىغان تۈرمىلىرى جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەرنىڭ بىخەتەرلىكى خىتاينى يىللاردىن بۇيان ئەندىشىگە سېلىپ كېلىۋاتقان بولغىنى ئۈچۈن، خىتاي بۇ جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىڭتۇەن نامىدىكى ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنى ئىشقا سېلىپ ئاقسۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەت، ناھىيىلەرنى مۇھاپىزەت قىلماقتا ئىكەن.
ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاينىڭ 30 كۈنلۈك زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن 10 - فېۋرال كۈنى ئېچىلغان ئۆلكە - نازارەت دەرىجىلىك كادىرلار يىغىنىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بولسا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.