خىتاي دائىرىلىرى تېخىمۇ كۆپ خىتاي ياشلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ ئىشلەشكە جەلپ قىلماقتا
2011.07.26
تەڭرىتاغ تورىدىن بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر پراكتىكا مەركىزى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن «شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيە پاي چەكلىك شىركىتى» ئىمزالىغان ھەمكارلىق كېلىشىمى ئاساسىدا قۇرۇلغان بولۇپ، مەركەزنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا يەنە ئۇيغۇر رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى قاتناشقان.
ئىگىلىنىشىچە، كېلىشىمگە ئاساسەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى يازلىق ۋە قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە جۇڭتەي شىركىتى قارمىقىدىكى زاۋۇتلارغا پراكتىكانت ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيىلىنىشكە ئەۋەتىدىغان بولۇپ، خەۋەردە مەزكۇر بازىنىڭ «تېخىمۇ كۆپ ئىرادىلىك ياشنى شىنجاڭغا كېلىشكە، شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىشقا ۋە شىنجاڭدا يىلتىز تارتىشقا جەلپ قىلىش» ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
خەلقئارادىكى نۇرغۇن مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۆز دوكلاتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ رايوندىكى مىللىي زىددىيەتنىڭ ئۆتكۈرلىشىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ جەھەتتە خىتاينى نۇرغۇن قېتىم ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.
ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىنىڭ قەدىمىنى تېخىمۇ ئاشۇرغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشتا قىلچىلىكمۇ سەمىمىي ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەكتە.